ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچى: بارسېلونا 0:3 يۇۋىنتۇس
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1ھەپتە ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 دە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلدى. D گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان نۇقتىلىق مۇسابىقىدە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا يۇۋىنتۇسنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، يۇۋىنتۇس قايتۇرما ھۇجۇمدىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم تەھدىت پەيدا قىلدى، مېسسى مۇسابىقە ئاخىرلىشىش ئالدىدا بىر توپ كىرگۈزدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، راكىتىچ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزدى، ئارقىدىن مېسسىنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى گارغا تەگكەن بولسىمۇ، لېكىن گاردىن يانغان توپتىن پايدىلىنىپ ئىنېستا مېسسىغا ياردەمچى پاس چىقاردى، ھەمدە مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئۈچىنچى توپنى كىرگۈزدى. ئاخىرىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن يۇۋىنتۇسنى مەغلۇپ قىلدى.

    ھەمبەھىرلەشئەسكەرتىش: توربېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تەرجىمانلىرىمىز بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلغان، شۇڭا ھەرقايسى تور بېكەت ۋە سالونلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، ئەگەر رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلىك قىلمىشى بايقالسا ئاقىۋىتى ئېغىر سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.