ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: گۇاڭجۇ خېڭدا 10:9 شاڭخەي شاڭگاڭ
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 20:00 دە، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدىكى بىر مەيدان  نۇقتىلىق مۇسابىقە گۇاڭجۇ خېڭدا بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ئالەن ئىككى توپ كىرگۈزدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، گوۋلارت ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزدى، تۇنجى ئۇچرىشىشتا شاڭگاڭ 0:4 نەتىجە بىلەن خېڭدانى مەغلۇپ قىلغاچقا، ئومۇمىي نومۇردا ئىككى كوماندا 4:4 تەڭلىشىپ، مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتقا قەدەم قويدى. 

    قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا، ۋاڭ جياجيې قىزىل كارتا ئېلىپ مەيداندىن چۈشۈرۈۋېتىلدى، خۇلك ئىختىيارى توپ كىرگۈزدى، ۋاڭ شېنچاۋ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە مۇرىچنى يىقىتىۋېتىپ قىزىل كارتا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلدى، ھەمدە گوۋلارت نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، نەتىجە 5:5 ئۆزگەردى. نومۇر پەرقىدە يەنىلا تەڭلىشىپ قالغان ئىككى كوماندا نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويدى. گوۋلارتنىڭ تەپكەن نۇقتا توپى گارغا تېگىپ يېنىپ چىقتى، يۈخەي  ئاخىرقى ھالقىلىق نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. ئاخىرىدا گۇاڭجۇ خېڭدا نۇقتا توپ جېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا 10:9 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭغا مەغلۇپ بولۇپ، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن شاللاندى. شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇب تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.