كوتىنھو پارىژ سانت گېرمان قويغان باھانى رەت قىلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1يىل ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كوتىنھو پارىژ سانت گېرماننىڭ باھاسىنى رەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ۋاستىچىسىدىن قىشلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە بارسېلوناغا يۆتكىلىشنى سىناپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغان.

    «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پارىژ سانت گېرماننىڭ ھەرقانداق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نېيمارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن نېيمارنىڭ يېقىن دوستى بولغان كوتىنھونى كىرگۈزمەكچى بولغان. كېلەر يىلى 1-ئاي ئۇلارغا نىسبەتەن مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ، چۈنكى ئۇلار مالىيە ئادىللىق قانۇنىغا سەل قارىسا بولمايدۇ. 

    گەرچە پارىژ سانت گېرمان كوتىنھوغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان چارىلەرنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كوتىنھو پەقەت بارسېلوناغىلا قوشۇلۇشنى خالايدىغان بولغاچقا، پارىژ سانت گېرمان باشقا ئامال تاپالمىغان. كوتىنھو يەنە ئۆزىنىڭ ئىككى ۋاستىچىسىدىن پارىژ سانت گېرمان بىلەن ھەرقانداق سۆھبەت ئېلىپ بارماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ كېلەر يىلى 1-ئايدا ياكى كېلەر يىلى يازدا ئۆزىنىڭ چوقۇم بارسېلوناغا يۆتكەلمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    لىۋېرپول يۇقىرى قاتلىمى بولسا 1-ئايدىكى يۆتكىلىش كۆزنىكىدە كوتىنھونى بارسېلوناغا سېتىپ بېرىشنى خالايدىغان بولۇپ، لېكىن ئۇلار بارسېلونانىڭ 150 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش سوممىسى تەييارلىشىنى، ھەمدە بۇ پۇلنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇشنى، ھەرگىزمۇ باھانى تۆۋەنلىتىمەن دېمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. بارسېلونا تەرەپ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچە كۆپ پۇلنى چىقىرىشى ئۈچۈن چوقۇم كۇلۇبتىكى بەزى توپچىلارنى سېتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن. شۇ سەۋەبتىن تۇران، پاكو ۋە رافىنھا قاتارلىق توپچىلار قىشلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە بارسېلونادىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.