ئوتتۇرا مەيدان پېشۋاسى پىرلو كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نيۇيورك شەھىرى 0:2 نەتىجە بىلەن كولۇمبۇ ماشىنا خادىمىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە، ئىتالىيەنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى پىرلو ئۆزىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىنى تاماملىغان. مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

    پىرلو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەستانىلەرگە، سەپداشلىرىغا، ترېنىرلارغا ۋە كۇلۇبقا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە ئۆزىنىڭ رەسمىي ھالدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

    «مەن بۇ شەھەرنىڭ ماڭا بولغان دوستلارچە مۇھەببىتى ۋە قوللىشىغا، قالتىس بولغان مەستانىلەرگە، ترېنىرلار ئەترىتى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى خادىملارغا، ھەمدە سەپداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

    «نيۇيوركتىكى تەۋەككۈلچىلىكلا ئەمەس، كەسپىي ھاياتىممۇ ئاخىرلاشتى. بۇمۇ مېنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئائىلەمدىكىلەرگە ۋە بالىلىرىمغا رەھمەت ئېيتماقچى بولغانلىقىمدىكى سەۋەب. ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ئىزچىل ماڭا مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇندىن بۇرۇن توپ تەپكەن بارلىق كۇلۇبلارغا، بارلىق سەپداشلىرىمغا، ھەمدە كەسپىي ھاياتىمنى بۇنچە گۈزەللىككە تولدۇرغان ھەممە كىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئاخىرىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى مېنىڭ قوللاپ كەلگەن مەستانىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەر ئىزچىل مەن بىلەن بىللە، ئىزچىل مېنىڭ قەلبىمدە.»

    ئىتالىيەلىك گىگانت چولپان پىرلو بۇ يىل 38 ياش بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئوتتۇرا مەيدان پېشۋاسى. ئۇ ئىتالىيەنىڭ 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئەزا، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە، ئۇ مىلانغا ئەگىشىپ ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى چېمپىيونلۇقىغا ۋە ئىككى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 2011-يىلى ئۇ مىلاندىن يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەن بولۇپ، يۇۋېنتۇستىكى 4 يىل مابەينىدە ئۇ 4 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

    2015-يىلى يازدا، ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ، نيۇيورك شەھىرىگە قوشۇلغان، نيۇيورك شەھىرىدىكى بۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ كۇلۇبقا ۋاكالىتەن 62 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، مانا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.