دۇنيا لوڭقسىىغا كىرەلمەسلىك، ئىتالىيەگە 1 مىليارد ياۋرو زىيان ئېلىپ كەلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    GOA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمىگەنلىكتىن، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ئۆز دۆلىتىگە 1 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن. سابىق ئىتالىيە ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى فرانكو كاررارو بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ساننى ئاشكارىلىغان.0:0 نەتىجىدە شۋېتسىيە بىلەن تەڭلەشكەندىن كېيىن، ئىتالىيە ئىككى ئايلانما ئۇچرىشىشتا ئومۇمىي نەتىجە 0:1 بىلەن شاللىنىپ، 1958-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمىگەن. مۇسابىقىدىن كېيىن، بۇففون، بارزاگلى ۋە دېروسسى قاتارلىق پېشقەدەم توپچىلار دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىر دەۋرى ئاخىرلاشتى.

    دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى زور بېسىمغا ئۇچرىغان بولۇپ، بولۇپمۇ دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمەسلىكى، ئىتالىيەنى 1 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچار قىلغان. كاررارو مۇنداق دېگەن: «تەخمىنەن 500 مىليون ياۋرودىن 600 مىليونغىچە، لېكىن بىز بىۋاستە زىيان ياكى ۋاستىلىك زىيانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. ئىككىسى قوشۇلغاندان، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمەسلىكى، 1 مىليارد ياۋرو زىيان ئېلىپ كەلدى.»

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.