رونالدىنھو: مەن يەنىلا مېسسىنىڭ بارسېلونادا قېلىشىنى خالايمەن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎5ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    مېسسىنىڭ بارسېلونا بىلەن بولغان توختامنى ئۇزارتمىغانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېقىندا، مېسسىنىڭ «پېشقەدەم ئاكىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، رونالدىنھو مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئىپادىلىگەن.

    «ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن تەس. ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇم، مەن ئۇنىڭ خۇشاللىقىدىن خۇشال بولىمەن.»

    «ئەگەر ئۇنى باشقا كۇلۇبقا بارماقچى دېسە، مەن بارسېلونانىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولساممۇ، يەنىلا ئۇنىڭ قارارىنى قوللايمەن، لېكىن مەن ئۇنىڭ داۋاملىق بارسېلونادا توپ تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    «مەيلى ئۇ قەيەردە توپ تەپسۇن، ئۇ يەنىلا پۇتبولغا ئىنتايىن زور تەسىر ئېلىپ كېلەلەيدۇ.»

    مەنبە: دوڭچىيۇدى تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.