تەڭرىتاغ يىلپىزى زەپەر قۇچماقتا
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎2ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • 22-نويابىر جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى تەييارلىق كوماندا مۇسابىقىسىنىڭ 28-ئايلانمىسى ئاياقلاشتى. گۇاڭجۇ مۇسابىقە رايونىدا، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 0:4 نەتىجىدە جېجىياڭ يىتېڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ 2-لىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى. ئالدىنقى ئايلانمىدا داليەن يىفاڭ كوماندىسى بىر ئايلانما بۇرۇن چېمپيون بولغانلىقى ئۈچۈن، 24-نويابىر تەڭرىتاغ يىلپىزى كۆكخوت كوماندىسىنى ئۇتسىلا 2-لىكنى ئالالايدۇ.

    جېجياڭ يىتېڭ بىلەن بولغان تۇنجى ئايلانمىدا تەڭرىتاغ يىلپىزى 0:3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ، مۇسابىقە باشلىنىپلا تېز ھۇجۇم قىلىش ھالىتىگە كىردى. تۇنجى توپنى غۇلام ئىختىيارى توپنى قاپقىغا تەپكەندە قارشى تەرەپ ماھىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆز قاپقىسىغا كىرگۈزۈپ، تەڭرىتاغ يىلپىزىغا ياردەم قىلدى. 49 مىنۇت بولغاندا، مۇداپىئەچى ئەكرەم ئىختىيارى توپنى بىۋاستە تېپىپ قاپقىغا كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0:2 قىلدى. 73 مىنۇت بولغاندا، قارشى تەرەپ يەنە بىر توپ ياردەم قىلىپ، نەتىجە 3:0 بولدى. 76 مىنۇت بولغاندا مەمەت يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0:4 قىلدى. 

    رەت-تەرتىپتە 28-ئايلانمىدىن كېيىن تەڭرىتاغ يىلپىزى تەييارلىق كوماندىسى 22 مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 68 نومۇر بىلەن 2-ئورۇندا تۇرماقتا. 3-ئورۇندىكى شاڭخەي شېنشىڭ كوماندىسى بولۇپ، ئۇلار ئىككى ئايلانمىدا تەڭرىتاغ يىلپىزىغا ئۇتتۇرغان بولۇپ، كىرگۈزگەن ساپ توپىمۇ ئاز، شۇڭا تەڭرىتاغ يىلپىزى 29-ئايلانمىدا ئۈچ نومۇر ئالسىلا 2- بولالايدۇ.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.