ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 14-ئايلانما: بارسېلونا 2:2 سېلتا
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎8ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 6:00دە، 2017/2018-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا سېلتا بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى 13 ئايلانمىدا بارسېلونا 11 مەيدان غەلبە قىلىپ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ، 35 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ، بىرلەشمىدە 1-ئورۇندا تۇرغان، سېلتا بولسا 5 مەيدان غەلبە قىلىپ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ، 6 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ 17 جۇغلانما نومۇر بىلەن 9-ئورۇندا تۇرغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا سېلتادىن ئاسپاس بىر توپ، بارسېلونادىن مېسسى بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا بارسېلونادىن سۇئارېز بىر توپ، سېلتادىن ماكېس گومېس بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى كوماندا 2-2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.

    بۇ ئىككى كوماندا بىرلەشمە تارىخىدا 102 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن، بارسېلونا 59 قېتىم غەلبە قىلىپ، 23 قېتىم تەڭلىشىپ، 20 قېتىم مەغلۇپ بولغان، ھەمدە 227 توپ كىرگۈزۈپ، 116 توپ كەتكۈزگەن. نوكەمپو مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە بارسېلونا 39 قېتىم غەلبە قىلىپ، 10 قېتىم تەڭلىشىپ، 2 قېتىم مەغلۇپ بولغان، ھەمدە 139 توپ كىرگۈزۈپ، 40 توپ كەتكۈزگەن. يېقىنقى ئۈچ پەسىلدىكى سېلتا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، بارسېلونا 1 قېتىم غەلبە قىلىپ، 1 قېتىم مەغلۇپ بولغان.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ سېلتدىن گومېس يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 6-مىنۇتىدا، مېسسى ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى ئېلىپ قارشى تەرەپ بېكلىرىدىن ئۆتتى، بىراق ئۇ تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 20-مىنۇتىدا سېلتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، تېرستېگېن ماكېس گومېسنىڭ توپىنى توسىۋالدى، ئاسپاس تېرستېگېن توسىۋالغان توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 22-مىنۇتىدا، مېسسى توپنى سۇئارېزغا بېرىپ ئۆزى ئالدىغا ئۆتتى، سۇئارېز توپنى پاۋلىنھوغا بەردى، پاۋلىنھو پاس چىقىرىپ مېسسى بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 25-مىنۇتىدا، سۇئارېز بىر توپ كىرگۈزدى، بىراق سۇئارېز ئورۇن ھالقىپ كەتكەچكە بۇ توپ ئىناۋەتسىز قىلىۋىتىلدى. مۇسابىقىنىڭ 32-مىنۇتىدا، سېلتا قاپقىچىسى سۇئارېزنىڭ توپىنى توسىۋالدى، مېسسى توپنى قايتا تەپكەن بولسىمۇ، بىراق سېلتا قاپقىچىسى يەنىلا توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 36-مىنۇتىدا، راكىتىچ پاس چىقاردى، بىراق سېلتا قاپقىچىسى پاۋلىنھونىڭ كاللا توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 45-مىنۇتىدا، سېلتادىن سېنىستو تەپكەن توپ قاپقا ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-1 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

    مۇسابىقىنىڭ 53-مىنۇتىدا، دېنىس سۇئارېز ئىنېستا بىلەن ئارلمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 62-مىنۇتىدا، ئالبا پاس چىقىرىپ، سۇئارېز بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا، راكىتىچ پاس چىقاردى، بىراق سۇئارېز پۇرسەتنى تۇتالمىدى. مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا، سېلتادىن ئاسپاس پاس چىقىرىپ، ماكېس گومېس بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 70-مىنۇتىدا، ئۇمتىتى يارلىنىپ ۋېرمالېن بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 73-مىنۇتىدا، پاۋلىنھو تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 76-مىنۇتىدا، مېسسى ئىختىيارىي توپ باشلىدى، پىكنىڭ توپى تۈۋرۈك سوقتى. مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا، راكىتىچ پاكو بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 83-مىنۇتىدا، ۋېرمالېن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ سېرىق كارتىغا ئېرىشتى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، بارسېلونا 2-2 نەتىجىدە سېلتا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.