ئېنگلاند بىرلەشمىسى 15-ئايلانما: ئارسېنال 3:1 مانچېستېر بىرلەشمىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 23:30 دا، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 15-ئايلانمىدىكى قىزىق نۇقتىلىق بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى، ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا پوگبا ياردەمچى پاس چىقىرىپ، ۋالېنسىيا بىر توپ كىرگۈزدى. مارشال ناھايىتى چىرايلىق ياردەمچى پاستىن بىرنى چىقىرىپ، لېنگارد توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. دېھېيا ناھايىتى خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا رامسېي ياردەمچى پاس چىقىرىپ، لاكازېتتې بىر توپ قايتۇرۋالدى. دېھېيا ئۇدا ئىككى قېتىم قالتىس توپ توسۇۋالدى، پوگبا يەنە بىر قېتىم ياردەمچى پاس چىقىرىپ، لېنگارد يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئارقىدىن پوگبا بېللېرېننىڭ پۇتىغا دەسسىۋەتكەنلىكتىن قىزىل كارتا ئېستىمال قىلىپ، مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى 1:3 نەتىجە بىلەن ئارسېنالنىڭ پەسىل ھالقىپ ساھىبخان مەيداندىكى ئۇدا 12 مەيدان غەلبىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 4-مىنۇتىغا كەلگەندە، ئانتونىئو ۋالېنسىيا ئوڭ تەرەپتىن پوگباغا توغرىسىغا پاس بەردى، پوگبا چەكلەنگەن رايون سىرتىدىكى ياي سىزاق ئەتراپىدىن توپنى ۋالېنسىياغا قايتۇرۇپ پاس بەردى، ۋالېنسىيا چەكلەنگەن رايوندا توپنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن قاپقىغا بىۋاستە تېپىپ كىرگۈزدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى 0:1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.11-مىنۇتتا مۇستافىنىڭ ئارقا مەيداندىكى توپىنى لېنگارد تارتىۋالدى، لۇكاكۇ تۈز پاس چىقاردى، مارشال چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بەدىنى بۇراپ ناھايىتى چىرايلىق پاس چىقاردى، لېنگارد يېتىشىپ كېلىپ توپنى بىۋاستە قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى 0:2 نەتىجە بىلەن نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. 15-مىنۇتتا مۇستافى يارىلىنىپ، مەيداندىن ئالماشتۇرۋېلىندى، ئىۋوبى زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى. 20-مىنۇتتا ئارسېنال سول تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ تاشلىدى، جاكا كاللا توپ بىلەن پاس چىقاردى، لاكازېتتې قاپقىنىڭ ئالدىدا ئۈسسۈگەن توپىنى دېھېيا توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 30-مىنۇتتا ئارسېنال ئىختىيارى توپقا ئېرىشىپ، ئۆزىلنىڭ بىۋاستە قاپقىغا تەپكەن توپىنى ئاشلېي ياڭ قاپقا سىزىقىدىن كاللا توپ بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 32-مىنۇتتا ئارسېنال سول تەرەپتىن توپ تاشلىغان توپىنى روخو توسۇۋالدى، قايتقان توپنى لاكازېتتى قاپقىغا تەپتى، توپ قاپقىنىڭ لىمىغا تېگىپ قايتىپ چىقتى، قايتقان توپنى جاكا يەنە قاپقىغا تەپتى، توپ قاپقىنىڭ لىمىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى. 42-مىنۇتتا كوسچېلنى قايتۇرما پاس چىقىرىپ، رامسېي يېتىشىپ كېلىپ قاپقىغا تەپكەن توپىنى ماتىچ توسۇۋالدى. 44-مىنۇتتا بېللېرېننىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن تەپكەن توپىنى دېھېيا ناھايىتى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى. ئارسېنال يەنە توپ كونترول قىلىپ، كىراشىناسنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىنى دېھېيا يەنە بىر قېتىم چاققانلىق بىلەن توسۇۋالدى. تولۇقلىما ۋاقىتتا، ئارسېنال سول تەرەپتىن ئىختىيارى توپ تاشلىدى، لۇكاكۇ توپنى تېپىپ چىقىرىۋەتمەكچى بولۇپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ قاپقىسىغا «خائېن توپ» كىرگۈزگىلى تاس قالدى، دېھېيا چاققانلىق بىلەن قاپقا سىزىقىدا توپنى توسۇۋالدى. 

    49-مىنۇتتا سانچېز چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن يانتۇ يۆنىلىش بىلەن قاپقا ئالدىدا توپ تاشلىدى، رامسېي يېتىشىپ كېلىپ توپنى لاكازېتتىغا پاس چىقاردى، لاكازېتتې سالماقلىق بىلەن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارسېنال 2:1 نەتىجە بىلەن بىر توپ قايتۇرۋالدى. 52-مىنۇتتا مارشال تۈز پاس چىقاردى، لېنگرادنىڭ يەكمۇ-يەك ھالدا قاپقىغا تەپكەن توپىنى چېخ توسۇۋالدى، توپ ئارقىدىن قاپقىنىڭ سول تەرەپ تۈۋرۈكىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى. 53-مىنۇتتا لاكازېتتې ئوڭ تەرەپتىن توپ تاشلىدى، ئىۋوبىنىڭ يانچىلاپ تەپكەن توپىنى دېھېيا چاققانلىق بىلەن توسۇۋالدى. 56-مىنۇتتا لاكازېتتې ئىۋوبى چىقارغان پاسنى ئېلىپ، چەكلەن رايون ئىچىدە قاپقىغا كۈچەپ توپ تەپتى، دېھېيا بىر قولى بىلەن توپنى توسۇۋالدى، سانچېز ئارقىدىن يېتىشىپ كېلىپ توپنى يەنە قاپقىغا تەپتى، دېھېيا يەنە بىر قېتىم ئىنتايىن قالتىس ھالدا توپنى توسۇۋالدى. 63-مىنۇتتا مانچېستېر بىرلەشمىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى، لېنگارد توپنى ئېلىپ ئوتتۇرا مەيداندىن ئۆتكەندىن كېيىن چەكلەنگەن رايون ئالدىدا ئوڭ تەرەپتىكى يېتىشىپ كەلگەن پوگباغا بۆلۈپ بەردى، پوگبا ئوڭ تەرەپتىن قاپقىنىڭ ئالدىغا پاس چىقاردى، لېنگارد يۈگۈرۈپ كېلىپ توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى 1:3 نەتىجە بىلەن ئەۋزەللىكنى ئىگەللىدى. 65-مىنۇتتا  سانچېزنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن تۇيۇقسىز تەپكەن توپىنى دېھېيا چاققانلىق بىلەن توسۇۋالدى. 74-مىنۇتتا پوگبا توپ تالاشقاندا بېللېرېننىڭ پۇتىنى دەسسىۋەتتى، رېپىر بىۋاستە قىزىل كارتا چىقىرىپ، مەيداندىن چۈشۈرۋەتتى. 83-مىنۇتتا ۋېلبېكنىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى ھېررېرانىڭ بەدىنىگە تېگىپ يۆنىلىش ئۆزگەرتتى، دېھېيا توپنى بىر قولى بىلەن توسۇۋالدى، توپ قاپقىنىڭ لىمىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى. 88-مىنۇتتا ۋېلبېك چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يېقىتىۋىتىلدى، لېكىن رېپىر بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. 

    پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىپ، ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا 3:1 نەتىجە بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مەغلۇب بولۇپ، پەسىل ھالقىغان ساھىبخان مەيداندىكى ئۇدا 12 مەيدان غەلبىسىگە خاتىمە بەردى.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.