سالاھ لىۋېرپول تارىخىدا رېكورت ياراتتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 15-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقدە، لىۋېرپول مېھمان مەيداندا بىرايتون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ئاخىرىدا لىۋېرپول 5-1 نەتىجىدە غەلبە قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپول توپچىس سالاھ بىر قېتىم ياردەمچى پاس چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملىق نامايەن قىلدى.

    مۇسابىقىنىڭ 48-مىنۇتىدا سالاھ ياردەمچى پاس چىقىرىپ، فېرمىنو بىر توپ كىرگۈزدى ۋە نەتىجىدە 1:3 ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇ سالاھنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسىلىدە 3-قېتىم ياردەمچى پاس چىقىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    توپ كىرگۈزۈش سانى ۋە ياردەمچى پاس چىقىرىش سانى جەھەتتە ھېسابلىغاندا، سالاھ بۇ پەسىلىدىكى ئالدىنقى 15 مەيدان ئېنگلاند بىرلەشمىسى مۇسابىقىسدە جەمئىي 15 توپ كىرگۈزۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە لىۋېرپول كوماندىسى تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتى.

    ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى قالتىس ئىپادىسىدىن كېيىن، لىۋېرپول كوماندىسى 42 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش باھاسى بىلەن سالاھنى رىم كوماندىسىدىن ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە باشلاپ كەلگەن.


    مەنبە: نۇر تورى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.