ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ: يۇۋېنتۇس 2:2 توتتېنھام
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى خەۋىرى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا توتتېنھام كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولغاندا ھىگۇايىن توپ كىرگۈزدى، ھەم ئارقىدىن نۇقتا توپ كىرگۈزدى، خارى كېن توتتېنھام ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. 

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئالدى مەيداندىن ئورۇن توپ پۇرسىتى كەلدى، ئېرىكسېن توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىگە تاشلاپ، ھىگۇايىن توپنى توختاتمايلا بىۋاستە ئۇرۇپ كىرگۈزدى.


    مۇسابىقە داۋاملىشىپ سەككىز مىنۇت بولغاندا، بېرناردېسچى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە داۋېس تەرپىدىن يىقىتىۋېتىلىپ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا نۇقتا توپ پۇرسىتى كەلدى. ھىگۇايىن توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى.

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 25 مىنۇت بولغاندا، ئېرىكسېن ئالدى مەيدان قىيپاش ئۇدۇلدىن قاپقا ئالدىغا پاس تاشلىدى، خارى كېن قاپقا ئالدىدىن كاللا توپ ئۇرغان بولسىمۇ، كىرىش نىسىبىتى يۇقىرى بولغان بۇ توپنى بۇڧڧون توسۇۋالدى.


    34 مىنۇت بولغاندا، توتتېنھام كوماندىسى ئالدى مەيداندىن توپ ئۈزۈۋېلىپ، تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى، ئالى پاس چىقىرىپ، خارى كېن تېز سۈرئەتتە توپ ئېلىپ كىرىپ، يەكمۇ-يەك توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1:2 قىلدى.


    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ تولۇقلىما مۇسابىقە باسقۇچىدا، يۇۋېنتۇس كوماندىسى يەنە بىر قېتىم نۇقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ھىگۇايىن توپنى كىرگۈزەلمىدى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 70-مىنۇتىدا توتتېنھام كوماندىسىغا ئالدى مەيداندىن ئىختىيارىي توپ پۇرسىتى كەلدى، ئېرىكسېن ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2:2 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەي، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە 2:2 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.