ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ: بازېل 4:0 مانچېستېر شەھىرى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدىكى يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى مېھمان مەيداندا بازېل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دېبرۇينى بولۇڭ توپ باشلاپ، گۈندوگان كاللا توپ كىرگۈزۈپ نومۇر ئالدى، بېرناردو سىلۋا توپ كىرگۈزۈپ، پەرقىنى چوڭايتتى، ئاگۈيرو يىراقتىن توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاگۈيرو ياردەمچى پاس چىقىرىپ، گۈندوگان يىراق ئارىلىقتىن توپ كىرگۈزۈپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى موقىمدىدى، يارىلانغان سانې زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى. ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا 0:4 چوڭ نەتىجە پەرقى بىلەن بازېلنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچى ئۇچرىشىش ئۈچۈن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللىدى.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا، دېبرۇينى سول تەرەپتىن بولۇڭ توپ باشلاپ، گۈندوگان كاللا توپ كىرگۈزۈپ، مانچېستېر شەھىرى 0:1 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

    18 مىنۇت بولغاندا، مانچېستېر شەھىرى سول يولدىن ھۇجۇم تەشكىللەپ، ستېرلىڭ سول يولدىن قاپقا چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاس تاشلىدى، بېرناردو سىلۋا قاپقا ئالدىدىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0:2 قىلدى.

    23 مىنۇت بولغاندا، ئاگۈيرو ئالدى مەيداندىن يىراق ئارىلىقتىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجە پەرقىنى چوڭايتتى.


    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 53-مىنۇتىدا، گۈندوگان چەكلەنگەن رايون ئالدىدىن يايسىمان توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0:4 قىلدى. ئاخىرىدا ھەر ئىككى تەرەپتىن توپ كىرگۈزەلمەي، مۇسابىقە مانچېستېر شەھىرىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مانچېستېر شەھىرىنىڭ بىر پۇتى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.