ھىگۇايىن يۇۋېنتۇس تارىخىدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئەڭ تېز ئىككى توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎5كۈن ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

    بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 2:2 نەتىجىدە توتتېنھام كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ ئارگېنتىنالىق ھۇجۇمچىسى ھىگۇايىن سەككىز مىنۇت يەتتە سېكۇنت ئىچىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇس كوماندىسى تارىخىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلاندى.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھىگۇايىن چەكلەنگەن رايون ئىچىدىن توپ كىرگۈزدى.

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ توققۇز مىنۇت بولغاندا، بېرنادېسچى نۇقتا توپ ياساپ، ھىگۇايىن نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى، ئىككى توپنى كىرگۈزۈشكە پەقەت سەككىز مىنۇت يەتتە سېكۇنت ۋاقىت كەتكەن.

    ئ

    ۇنىڭدىن باشقا، ھىگۇايىن ئۆتۈپ كەتكەن يەتتە قېتىملىق قاپقىغا توپ تىپىشتە، ھەممىسىنى نىشانغا تەككۈزگەن بولۇپ، ئۈنۈمى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى بولغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.