خارى كېن بۇڧڧوننىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 694 مىنۇت توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتنى توختىتىپ قويدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎5كۈن ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

    بۈگۈن سەھەردىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 2:2 نەتىجىدە توتتېنھام كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خارى كېن مۇسابىقىنىڭ 34-مىنۇتىدا توپ كىرگۈزۈپ، بۇڧڧوننىڭ تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى 694 مىنۇت توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى ئاياغلاشتۇردى.

    مۇسابىقىنىڭ 34-مىنۇتىدا ئالى ئالدى مەيداندىن كېنغا پاس بەردى، كېن توپنى ئېلىپ كىرىپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بۇڧڧوننى ئالداپ ئۆتۈپ، يەكمۇ-يەك توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1:2 قىلدى.

    «Opta»نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىىشچە، خارى كېن بۇ توپنى كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن، بۇڧڧون ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كۇلۇب ۋە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 694 مىنۇت توپ كەتكۈزمىگەن بولۇپ، ئالدىنقى قېتىم توپ كەتكۈزگەن ۋاقتى دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىكى شۋېتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ توپ يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ 2018-يىلدا كەتكۈزگەن بىرىنچى توپى بولۇپ قالغان.

    خارى كېن بۇ نەتىجىسدىن باشقا يەنە بىر تۈرلۈك رېكورت بىلەن تەڭلەشكەن بولۇپ، بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى يەتتىگە يېتىپ، ئېنگلاندلىق توپچىلارنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تاق پەسىلدە توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. خارى كېن ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقە باسقۇچىدا جەمئىي ئالتە توپ كىرگۈزگەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىر توپ بىلەن جەمئىي كىرگۈزگەن توپى يەتتىگە يېتىپ، ئېنگلاندلىق توپچىلارنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تاق پەسىلدە توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رېكورتنى ساقلاپ كەلگۈچى لىۋېرپول كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى جېرراد بولۇپ، 2008/2009-مۇسابىقە پەسىلىدە ياراتقان.

    بۇ پەسىلدە، خارى كېننىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولۇپلا قالماي، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقىنىغا 22 يىل بولغان تاق يىلدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى (38 توپ) بۇزۇپ تاشلىغان. يەنە تېخى ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى (56 توپ) بولغان، نۆۋەتتە، خارى كېن يەنە 23 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىسى بىلەن ئېنگلاند بىرلەشمىسى مەرگەنلەر قاتارىنىڭ سەركىلىك ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.