ئورگان تورى: ئېكۋالا دالىيەن چاۋيۆگە قوشۇلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:


    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، دالىيەن چاۋيۆ كۇلۇبى ئورگان تورىدا كامىرونلۇق توپچى ئېكۋالانىڭ كوماندىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    ئېكۋالا كامىرونلۇق توپچى بولۇپ، 2013-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن چۇڭچېڭ لىڧەن، چىڭداۋ خۇاڭخەي، گۈيجۇ جىچېڭ ۋە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن. مۇسابىقە مەيدانىدا ئېكۋالا كۆپ ئورۇننىڭ (ھۇجۇم، ئارقا بەل، مۇداپىئە) ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كۆپ قىرلىق توپچى. كۇلۇبنىڭ دائىمىي باش دېرىكتورى ۋاڭ نەننىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دالىيەن چاۋيۆ چەتئەللىك توپچى تاللاشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان، بىز مەشقاۋۇللار گۇرۇپپىسى ۋە كۇلۇب قاتلىمىنىڭ پىكىرى ئارقىلىق ئاخىرىدا بۇ قارارنى چىقاردۇق. ئېكۋالا بولسا جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە بەش يىل توپ تەپكەن كەسپىي توپچى، ئۇنىڭ قوشۇلۇشى كوماندىمىزنى مول بولغان تېخنىكىلىق تاكتىكا ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر ئېكۋالانى ھۇجۇم ئورنىغا قويساق، كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئېكۋالانىڭ كوماندىغا ياردەم قىلپ، ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېڭى پەسىلدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

    توختام ئىمزالاپ بولغاندىن كېيىن، دالىيەن چاۋيۆ پۇتبول كۇلۇبى باش مۇدىرى لى شياۋيوڭ ئېكۋالا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېكۋالانىڭ دالىيەن چاۋيۆگە قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئېكۋالانىڭ دالىيەندىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېكۋالا خۇشال ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگونى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، دالىيەندىن ئىبارەت بۇ گۈزەل شەھەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۆزەمنىڭ دالىيەن چاۋيۆ كۇلۇبىغا قوشۇلغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال، باش مۇدىرنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت، ئىشىنىمەنكى، سەپداشلىرىم ۋە مەستانىلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ قالتىس بولغان بىر پەسىلنى كۈتۈۋالىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.