رونالدو ۋە مېسسىنىڭ سېلىشتۇرمىلىرى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • رونالدو ۋە مېسسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش سېلىشتۇرمىسى:

    گۇرۇپپا مۇسابىقىىسدە: رونالدو 60 توپ، مېسسى 60 توپ

    1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە: رونالدو 17 توپ، مېسسى 21 توپ، مېسسى ئۈستۈنلۈكتە.

    1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە: رونالدو 20 توپ، مېسسى 10 توپ، رونالدو ئۈستۈنلۈكتە.

    يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە: رونالدو 13 توپ، مېسسى 4 توپ، رونالدو ئۈستۈنلۈكتە.

    ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە: رونالدو 4 توپ، مېسسى 2 توپ، رونالدو يەنىلا ئۈستۈنلۈكتە.

    شاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئومۇمىي توپ جەھەتتە: رونالدو 54 توپ، مېسسى 37 توپ.

    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسى بۈگۈن كېچە باشلىنىدۇ، رونالدونىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ، پارىژ سانت گېرماننى مەغلۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    سىز رونالدونىڭ «ياردەمچى پاسچى» ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    ھازىرغىچە، رونالدو كەسپىي ھاياتىدا 224 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان، گەرچە مېسىغا يەتمىسىمۇ، ئەمما شۇ ئېنىق ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، رونالدو پەقەت توپ كىرگۈزۈزشنىلا بىلىدىغان كىشى ئەمەس.

    224 قېتىملىق ياردەمچى پاسنىڭ 138 قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، 38 قېتىملىقى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چىقىرىلغان (نۆۋەتتىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ياردەمچى پاس شاھى)، دۆلەت كوماندىسىدا 35 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان (باشقا ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا پورتۇگالىيە كوماندىسى تارىخىدىكى ياردەمچى پاس شاھىغىمۇ ئايلىنىشقا ئاز قالدى)، باشقا مۇسابىقىلەردە 13 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان. ئەمما ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بۈگۈنكى كۈندىكى رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ھەم ياردەمچى پاس شاھى، پەقەت ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز توپ كىرگۈزۈشىگىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ياردەمچى پاس بىرىش ئىقتىدارىغىمۇ قاراپ قويۇڭ.

    يەنە بىر قىزىقارلىق ئەھۋال بار، ئۇ بولسىمۇ 2012/2013-پەسىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە، رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش سانى، ياردەمچى پاس سانى، پۇرسەت يارىتىش سانى قاتارلىقلار مېسسىدىن خېلىلا كۆپ. ھەممىگە ئايان، مېسسىنىڭ پۇرسەت يارىتىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ياردەمچى پاس ئىقتىدارمۇ ھەم شۇنداق، توپ مەستانىلىرى كۆپ ھاللاردا مېسسىنىڭ قالتىسلىقىنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىپ، رونالدونىڭ ياردەمچى پاس ئىقتىدارىنى، پۇرسەت يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

    تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق 2012/2013-پەسىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى سانلىق مەلۇمات سېلىشتۇرمىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

    توپ كىرگۈزۈش سانى: رونالدو 76 توپ، مېسسى 46 توپ

    ياردەمچى پاس سانى: رونالدو 21 قېتىم، مېسسى 13 قېتىم

    پۇرسەت يارىتىش قېتىم سانى: رونالدو 109 قېتىم، مېسسى 107 قېتىم

    ئەلۋەتتە رونالدو مەيدانغا چىققان قېتىم سانى مېسسىدىن سەل ئارتۇق، 2012/2013-پەسىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە مېسسى 53 قېتىم، رونالدو 66 قېتىم مەيدانغا چىققان.

    رونالدو خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىنكى مېسسى بىلەن بولغان ئومۇمىي توپ سېلىشتۇرمىسى:

    رونالدو 2009-يىلى يازدا خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن، جەمئىي 514 مەيدان مۇسابىقىدە 483 توپ كىرگۈزگەن، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىساق، مېسسى 551 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 503 توپ كىرگۈزگەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن رونالدونىڭ ھەرمەيدانغا توغرا كەلگەن توپى 0.94 بولغان، مېسسىنىڭ بولسا 0.91 بولغان.

    كۇلۇبتىكى ئومۇمىي توپىنى ھېسابلىساق: رونالدو 421 مەيدان مۇسابىقىدە 426 توپ كىرگۈزگەن، مېسسى 457 مەيدان مۇسابىقىدە 454 توپ كىرگۈزگەن، ھەر مەيدانغا توغرا كەلگەن توپى رونالدونىڭ 1.01 بولغان، مېسسىنىڭ 0.99 بولغان.

    دۆلەت كوماندىسىدىكى ئومۇمىي توپىنى ھېسابلىساق: رونالدو 93 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 57 توپ كىرگۈزگەن. مېسسى 94 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 49 توپ كىرگۈزگەن. ھەر مەيدانغا توغرا كەلگەنى توپى رونالدونىڭ 0.61 بولغان، مېسسىنىڭ 0.52 بولغان.

    ئومۇمىي كىرگۈزگەن توپىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەرمەيدان بۇيىچە ھېسابلىساق: رونالدونىڭ ھەر مەيداندا كىرگۈزگەن ئوتتۇرچە توپى 0.94 بولغان، مېسسىنىڭ 0.91 بولغان.

    سانلىق مەلۇماتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، 2009-يىلدىن ھازىرغىچە مېسسى رونالدوغا قارىغاندا 37 مەيدان مۇسابىقىگە ئارتۇق قاتناشقان، ھەم 20 توپنى ئارتۇق كىرگۈزگەن.

    توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى جەھەتتىن قارىغاندا، رونالدو تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. (سانلىق مەلۇمات بولسا ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە باشلىنىشتىن بۇرۇنقىغچە ئېلىنغان)

    شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، رونالدو خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى،  خانلىق مادرىد سەككىز پەسىلنىڭ ھەر پەسىلدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75 ئەتراپىدا توپ كىرگۈزگەن (2001-يىلدىن 2009-يىلغىچە)، رونالدو خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن، خانلىق مادرىد ھەر پەسىلدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىرگۈزگەن توپى 108 توپقا يەتكەن (2010-يىلدىن 2017-يىلغىچە)، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر پەسىلدە كىرگۈزگەن توپى رونالدو قوشۇلغاندىن كېيىن 33 ئەتراپىدا كۆپەيگەن، بۇنىڭدىن ھۇجۇم كۈچىنىڭ زورايغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

    ئەڭ ئاخرقى ئېيتىپ قويۇشقا تىگىشلىك گەپ، ئەگەر بارسېلونا مەستانىلىرى بۇنى كۆرۈپ بىئارامسىزىلىق ھېسا قىلىشى مۇمكىن، ئەمما مادرىدنى چۆردىگەن رونالدوغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، مېسسىنى تۆۋەنلىتىش ئەمەس، پەقەت رونالدونىڭ مۇشۇنداق قالتىس توپچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش خالاس، چۈنكى مېسسى بىلەن سېلىشتۇرۇش بەلكىم بۇنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.