ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: گۇاڭجۇ خېڭدا 1:1 بۇرىرام بىرلەشمىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎5كۈن ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ G گۇرۇپپىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ سەركىسى گۇاڭجۇ خېڭدا ساھىبخان مەيداندا تايلاند بىرلەشمىسىدىكى ئۇرىرام بىرلەشمىسى كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە گۇئارلات توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، باش رېپىر ئوڧسايىت توپ دەپ قاراپ ئىناۋەتسىز قىلۋەتتى، ئارقىدىن گۇئارلات كاللا توپ كىرگۈزۈپ، گۇاڭجۇ خېڭدا ئالدى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئېدگار سىلۋا ئۇرىرام بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. ئاخىردا ئىككى كوماندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قېلىپ، گۇاڭجۇ خېڭدا ساھىبخان مەيداندا ياخشى باشلىنىش قىلالمىدى.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 16-مىنۇتىدا گۇئارلات قاپقا ئالدىدىن كاللا توپ كىرگۈزۈزپ، نەتىجىنى 0:1 قىلدى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 56-مىنۇتىدا ئۇرىرام بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئېدگار سىلۋا توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، گۇاڭجۇ خېڭدا ساھىبخان مەيداندىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.