ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا مەرگەنلەر رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى: 

    2-ئاينىڭ 14-كۈنى پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «clubworldranking» ئەڭ يېڭى بىر قارارلىق دۇنيا مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئاگۈيرو ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىردى، رونالدو دەرىجە ئۆرلەپ، ئالدىنقى ئۈچىچنى ئورۇنغا چىقتى.


    ئالدىنقى 10 مەرگەن بولسا: بارسېلونادىن مېسسى، توتتېنھامدىن خارى كېن، خانلىق مادرىدتىن رونالدو، بايرېن مىيۇنخېندىن لېۋاندوۋىسكى، پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىدىن دوست، پارىژ سانت گېرماندىن كاۋانى، بېلگىراد قىزىل يۇلتۇزدىن بوئاكيې، لىۋېرپولدىن سالاھ، ئارسېنالدىن ئاۋبامېياڭ، مانچېستېر شەھىرىدىن ئاگۈيرو.

    11-ئورۇندىن 20-ئورۇنغىچە تىزىلغانلار: لازىئودىن ئىمموبىلې، پارىژ سانت گېرماندىن نېيمار، بېنڧىكادىن جوناس، مىللىي ماھارەتتىن مورېنو، ناپولىدىن مېرتېنس، بارسېلونادىن سۇئارېز، موناكودىن ڧالكاۋ، مىدتىيلاندتىن (Midtjylland) ئونۇئاچۇ، رىمدىن زېكو، يۇۋېنتۇستىن ھىگۇايىن.

    جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تەرەپتىن، گۇئارلات بىر ئورۇن چۈشۈپ، 27-ئورۇنغا تىزىلغان، خۇلك 32-ئورۇنغا تىزىلغان، ۋۇلېي 39-ئورۇنغا تىزىلىپ، يەرلىك توپچىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا تىزىلغان. زاھاۋى بىر دەرىجە ئۆرلەپ، 42-ئورۇنغا چىققان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.