ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا مەشقاۋۇللار رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:

    2-ئاينىڭ 14-كۈنى پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «clubworldranking» ئەڭ يېڭى بىر ھەپتىلىك دۇنيا مەشقاۋۇللار رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. خانلىق مادرىد مەشقاۋۇلى زىدانى داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ئالدىنقى تۆت ئورۇندا ئالدىنقى قېتىملىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئاللېگرى مورىنھودىن ئېشىپ، بەشىنچى ئورۇنغا چىققان، پوچىتىنو ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

    ئالدىنقى 10 مەشقاۋۇل بولسا: زىدانى (خانلىق مادرىد)، گاۋچو (گرېمىئو)، ۋالۋېرد (بارسېلونا)، سىمونې (مادرىد ئاتلېتىكا)، ئاللېگرى (يۇۋېنتۇس)، مورىنھو (مانچېستېر بىرلەشمىسى)، گاللاردو (دەريا قېنى)، گۇئاردىئولا (مانچېستېر شەھىرى)، ھولان (ئارگېنتىنا مۇستەقىل ئاتلېتىكا)، پوچىتىنو (توتتېنھام).

    ئالدىنقى 11-ئورۇندىن 20-گىچە بولغان مەشقاۋۇللار: رۇئېدا (ڧىلامېنگو)، ئېمېرىي (پارىژ سانت گېرمان)، ساررى (ناپولى)، ۋېنتۇرا (بوتاڧوگو)، باروس سچېلوتو (بوكا ياشلار)، رىكاردو ڧېرېتتى (مېكسىكا يولۋىسى)، كونتې (چېلسى)، كىلوپ (لىۋېرپول)، گېنېسىيو (لىيون)، ئالمىرون (مىللىي رىقابەت). بايرېن مىيۇنخېن مەشقاۋۇلى ھېيېنكىس49-ئورۇنغا، ئېنرىك 60-ئورۇنغا تىزىلغان.

    جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى يەرلىك مەشقاۋۇللاردىن، چېن جىنگاڭ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، مالىن، ۋۇ جىنگۈي، لى بىڭ، جيا شيۇچۈەن قاتارلىقلار ئىككىنچى ئورۇندىن بەشىنچى ئورۇنغىچە تىزىلغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.