ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى 1/16 ھەل قىلغۇچ: لودوگورتېس 3:0 AC مىلان
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎7ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى 1/16 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە AC مىلان كوماندىسى مېھمان مەيداندا بۇلغارىيە لودوگورتېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە كۇترونې ئاۋۋال توپ كىرگۈزدى، كېتىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە كۇترونې چەكلەنگەن رايون ئىچىدە نۇقتا توپ ياساپ، رىكاردو رودرىگېز نۇقتا توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە ئاخىرىدا بورىنى بىر توپ كىرگۈزۈپ، گۈل كەلتۈرۈپ، مىلان كوماندىسى مېھمان مەيداندا 3-0 نەتىجىدە رەقىبىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.


    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 43-مىنۇتىدا، كۇترونې قاپقىغا يېقىن ئارىلىقتىن كاللا توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1-0 قىلدى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا كۇترونې نۇقتا توپ ياساپ، رىكادو رودىرىگېز نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-0 قىلدى.

    92 مىنۇت بولغاندا، بورىنى چەكلەنگەن رايون ئىچىدىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 3-0 قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.