ئىتالىيە بىرلەشمىسى 25-ئايلانما: AC مىلان 0:1 سامپىدورىيا
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە ئۆتكۈزۈلگەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 25-ئايلانمىسىدىكى مۇسابىقىدە AC مىلان كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سامپدورىيا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە رىكاردو رودرىگېز نۇقتا توپ كىرگۈزەلمىدى، كالابرىيانىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن بوناۋېنتۇرا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە چالخانئوغلى قاپقا لىم لىمىنى سوقتى، ئاخىردا AC مىلان 1-0 كىچىك نومۇر پەرقىدە سامپدورىيانى مەغلۇپ قىلدى.


    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالتىنچى مىنۇتىدا رىكاردو رودرىگېز نۇقتا توپ كىرگۈزەلمىدى.

    مۇسابىقىنىڭ 13-مىنۇتىدا بوناۋېنتۇرا توپ كىرگۈزۈپ، AC مىلان 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.