ئاسېنسىئو خانلىق مادرىدنىڭ 6000-توپىنى كىرگۈزدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎7ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:


    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 24-ئايلانما مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا نەتىجىدە خانلىق بېتىس كوماندىسىنى يەڭدى. ئىسپانىيە «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاسېنسىئونىڭ خانلىق بېتىسقا كىرگۈزگەن ئىككىنچى توپى خانلىق مادرىدنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 6000-توپى ئىكەن.

    «ماركا گېزىتى» خانلىق مادرىدنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى كىرگۈزگەن توپلىرىنىڭ جەريانىنى رەتلەپ چىققان بولۇپ، 1928-يىلى خەيمى لازكانو (Jaime Lazcano) CD Europa كوماندىسىغا قارشى مۇسابىقىدە خانلىق مادرىدنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن. 22 يىلدىن كېيىن 1950-يىلى مانۇئېل ڧېرناندېز خانلىق مادرىدنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 1000-توپىنى كىرگۈزگەن. كوماندىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى خېنتو خانلىق مادرىد 3-1 نەتىجىدە Pontevedra كوماندىسنى يەڭگەن مۇسابىقىدە خانلىق مادرىدنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 2000-توپىنى كىرگۈزگەن، يەنە بىر رىۋايەتلىك توپچى خۇئەنىتو 1982-يىل سالامانكا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 3000-توپنى كىرگۈزگەن.

    12 يىلدىن كېيىن خانلىق مادرىد 5-0 نەتىجىدە ۋالادولىد كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە زامورانو خانلىق مادرىدنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 4000-توپىنى كىرگۈزگەن. 2008-يىل 9-ئايدا، گۇتى نۇمانسىيا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىدنىڭ 5000-توپىنى كىرگۈزگەن. كوماندىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 4500-توپى ۋە 5500-توپىنى رائۇل ۋە مودرىچ كىرگۈزگەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خانلىق مادرىدنىڭ 5000-توپى بىلەن 6000-توپ ئوتتۇرۇسىدىكى 1000 توپنى كىرگۈزۈشكە كەتكەن ۋاقىت ئەڭ قىسقا بولۇپ، بۇ ئىككى توپ ئارىسىدا پەقەت 363 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى سەرپ قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا خانلىق مادرىد يەنە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ 6000 توپ كىرگۈزگەن كوماندىغا ئايلانغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.