رونالدونىڭ يېقىنقى ئىپادىسى قالتىس بولماقتا
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:


    ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد مېمھان مەيداندا 5-3 نەتىجىدە خانلىق بېتىسنى يەڭدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كوماندىنىڭ كوزۇر توپچىسى رونالدو بىر توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن رونالدو ئۆتۈپ كەتكەن ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ كىرگۈزگەن، ھەم 2018-يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈشى لاكورۇنا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن باشلانغان بولۇپ، رونالدو شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ توپ كىرگۈزەلمەسلىكتەك ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن، ھەم بىر قانچە كۈندىن كېيىن دوڭچيۇدىنىڭ يىللىق MVP مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، رونالدونىڭ ئىپادىسى بىراقلا پارتىلاپ، ۋالېنسىيا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزگەن، خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، «قالپاق ئويۇنى» ئوينىغان، ئارقىدىن يەنە پارىژ سانت گېرمان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.