بارسېلونا يەتتە قېتىملىق چېلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر مەيدان غەلىبە قىلغان
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎7ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:


    بارسېلونا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە مېمھان مەيداندا چېلسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، تارىخى خاتىرىدىن قارىغاندا، بارسېلونانىڭ ستامڧورد كۆۋرۈكى توپ مەيدانىدىكى چېلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى نەتىجىسىنى ياخشى دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ، ئۇلار يەتتە قېتىم مېھمان مەيداندا چېلسى بىلەن تۇتۇشۇپ، بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بەش مەيدان ئۇتتۇرغان. بارسېلونانىڭ تارىختا بىردىنبىر مېھمان مەيداندا چېلسىنى مەغلۇپ قىلغان ۋاقتى بولسا 2005/2006-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇلار 2-1 نەتىجىدە چېلسىنى شاللىغان، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1-1 نەتىجىدە تەڭلەشكەن، ئاخىرىدا بارسېلونا چېلسىنى شاللاپ، سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن ھەم ئاخىرىدا چمېپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، بارسېلونا 2008/2009-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ستامڧورد كۆۋرۈكى مەيداندىكى بىر مەيدان تەڭلىشىشمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنېستا مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرى پەيىتلىرىدە توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن، مېھمان مەيدان توپى كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن بارسېلونا ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن، ئاخىردا چمېپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بۇ بىر مەيدان غەلىبە قىلىش، بىر مەيدان تەڭلىشىشتىن سىرت، بارسېلونانىڭ يەنە بەش قېتىملىق ستامڧورد كۆۋرۈكى مەيدانىدىكى مۇسابىقىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.