ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى 5-ئايلانما: توتتېنھام 6-1 روچدال (قايتىلانما مۇسابىقە)
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى 5-ئايلانمىسىدىكى (قايتىلانما مۇسابىقە) ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە توتتېنھام ساھىبخان بولۇپ، ئېنگلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى روچدال كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سون خېيۇڭمىن ئاۋۋال توپ كىرگۈزۈپ، ئارقىدىن بىر قېتىملىق نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىدى، ھامڧرېيس روچدال ئۈچۈن نەتىجە تەڭلەشتۈردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لورېنتې ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، «قالپاق ئويۇنى» ئوينىدى، سون خېيۇڭمىن، پېتېرس قاتارلىقلار توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا توتتېنھام 6-1 چوڭ نەتىجە پەرقى بىلەن روچدالنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى، 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توتتېنھام مېھمان مەيداندا سىۋانسې بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

    مۇسابىقىنىڭ 23-مىنۇتىدا سون خېيۇڭمىن توپ كىرگۈزۈپ، توتتېنھام 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

    31 مىنۇت بولغاندا روچدال كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.

    47 مىنۇت بولغاندا لورېنتې توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-1 قىلدى.

    53 مىنۇت بولغاندا لورېنتې يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 3-1 قىلدى.

    59 مىنۇت بولغاندا لورېنتى ئۈچىنچى توپنى كىرگۈزۈپ، نەتىجە 4-1 بولدى.

    65 مىنۇت بولغاندا سون خېيۇڭمىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 5-1 قىلدى.

    مۇسابىقە ئاخىرىدا پېتېرس توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 6-1 قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.