شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز!
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • تورداشلار، دوستلار ياخشىمۇسىلەر؟


    ئالدى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، شۇنداقلا بۇ بىر يىلدىن بۇيان بىزنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان بارلىق تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىغا، شۇنداقلا كەڭ تورداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز! 

    شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىمىز يۇقىرى تېخنىكا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق خادىملاردىن تەشكىللەنگەن ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سۇپىسى بولۇپ، تورىمىز 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەنگە ئېلىنىپ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.

    قېنى تۆۋەندىكى كىشىلىرىمىز شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىمىز ھەققىدە نىمە دەيدۇ، ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى

    شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىمىز ئېچىلغان بۇ بىر يىل جەريانىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاددىيلىقتىن مۇكەممەللىككە يۈزلىنىپ نۆۋەتتە توربېكەت (ھەر خىل ئۈسكۈنە، ھەرخىل ئېكرانلاردا ماسلىشىشچان قىلىپ لايىھەلەنگەن)، كۆچمە تېرمىنال (ئەپ دېتالى)، ئۈندىدار سالونى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن دىيارىمىزدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سۇپىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كەڭ تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى دەل ۋاقتىدا تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىپ، تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئازراق بولسىمۇ زوق ئاتا قىلىپ كەلدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزىمىزدە ساقلانغان كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزىمىزدە بار بولغان ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تاراتقۇلاردىن بولۇپ، دىيارىمىز تەنتەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ بىر يىل جەريانىدا شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئارقا سەپتە تىنىمسىز خىزمەت قىلىۋاتقان پىروگراممېر، لايىھەلىگۈچى، فوتوگراف، مۇخبىر، تەرجىمان... قاتارلىقلارغىمۇ چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، رەھمەت سىلەرگە، جاپا چەكتىڭلار!

    تورداشلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم داۋاملىق تۈردە بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇنداقلا بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىزغا تەڭ شاھىت بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.

    بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس، بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز! 

    شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى ئەپ دېلىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن: بۇ يەرنى بېسىڭ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.