ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 1/8 ھەل قىلغۇچ: پارىژ سانت گېرمان 1-2 خانلىق مادرىد
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1يىل ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتۈۋالدى، ئىككى كوماندىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 3-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، رونالدو كاللا توپ كىرگۈزۈپ، قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، بۇنىڭ بىلەن رونالدو ئۇزۇغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇدا توققۇز مەيدان (ئالدىنقى پەسىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ، ۋان نىستېلروينىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى. ۋېراتتى باش رېپىرغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، بۇ مەيداندىكى ئىككىنچى سېرىق كارتىنى ئىستېمال قىلىپ، مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى، ئارقىدىن پارىژ سانت گېرمان توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، كاسمېرو توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد 2-1 نەتىجىدە غەلىبىنى موقىملىدى، ئومۇمىي نەتىجىدە 5-2 بولۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. 

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 51-مىنۇتىدا رونالدو كاللا توپ كىرگۈزۈپ، خانلىق مادرىد 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 

    70 مىنۇت بولغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن كاۋانىغا تەگكەن توپ مادرىد قاپقىسىغا كىرىپ، نەتىجە 1-1 تەڭلەشتى. 

    79 مىنۇت بولغاندا كاسمېرو توپ كىرگۈزۈپ، خانلىق مادرىد 2-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.