ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: شاڭخەي شاڭگاڭ 2-2 ئۇلسان خيۇنداي
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1يىل ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 18:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتمىز شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا كورېيەنىڭ ئۇلسان خيۇنداي كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلسان خيۇنداي كوماندىسىدىن رىچارد ۋىندبىچلېر توپ كىرگۈزدى، بىر مىنۇتتىن كېيىن ۋۇلېي ياردەمچى پاس چىقىرىپ، ئوسكار توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە كىم ئىن سۇڭ توپ كىرگۈزۈپ، ئۇلسان خيۇنداي كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، ئارقىدىن ئوسكار يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئاخىرىدا شاڭخەي شاڭگاڭ ساھىبخان مەيداندا 2-2 نەتىجىدە ئۇلسان خيۇنداي بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا شاڭخەي شاڭگاڭ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ساھىبخان مەيداندىكى 16 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرمىدى. 

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 37-مىنۇتىدا ۋىندبىچلېر توپ كىرگۈزۈپ، ئۇلسان خيۇنداي 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 

    بىر مىنۇتتىن كېيىن ئوسكار توپ كىرگۈزۈپ، شاڭخەي شاڭگاڭ نەتىجىنى 1-1 قىلىپ تەڭلەشتۈردى. 

    68 مىنۇت بولغاندا كىم ئىن سۇڭ توپ كىرگۈزۈپ، ئۇلسان خيۇنداي يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. 

    70 مىنۇت بولغاندا ئوسكار يەنە بىر قېتىم توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-2 قىلىپ تەڭلەشتۈردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.