ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 1/8 ھەل قىلغۇچ: توتتېنھام 1-2 يۇۋېنتۇس
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎1يىل ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 1/8 ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە توتتېنھام كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سون خېيۇڭمىن توپ كىرگۈزۈپ، توتتېنھام ئومۇمىي نەتىجىنى 3-2 قىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھىگۇايىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئارقىدىن ياردەمچى پاس چىقىرىپ، دىبالا يەكمۇ-يەك توپ كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇس ئۈچ مىنۇت ئىچىدە تەتۈر ئېشىپ، ئومۇمىي نەتىجىنى 4-3 قىلدى، ھەم ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 38-مىنۇتىدا سون خېيۇڭمىن توپ كىرگۈزۈپ، توتتېنھام 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 63 مىنۇت بولغاندا ھىگۇايىن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.

    66 مىنۇت بولغاندا ھىگۇايىن ياردەمچى پاس چىقىرىپ، دىبالا يەكمۇ-يەك توپ كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇس 2-1 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.