ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 1/8 ھەل قىلغۇچ: مانچېستېر شەھىرى 1-2 بازېل
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 1/8 ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا بازېل كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بېرناردو سىلۋا ياردەمچى پاس چىقىرىپ، خېسۇس توپ كىرگۈزدى، ئارقىدىن ئەليۇنۇس توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لانگ توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر ئاشۇردى. ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا 1-2 نەتىجىدە بازېل كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئەمما ئومۇمىي نەتىجە 5-2 بولۇپ ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈككە كىردى.

    مۇسابىقە باشلىنىپ سەككىز مىنۇت بولغاندا خېسۇس توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1-0 قىلدى.

    17 مىنۇت بولغاندا ئەليۇنۇس توپ كىرگۈزۈپ، بازېل كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.

    71 مىنۇت بولغاندا لانگ توپ كىرگۈزۈپ، بازېل كوماندىسى نەتىجىنى 2-1 قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.