يۇۋېنتۇس تۇنجى قېتىم ئېنگلاند كوماندىسىنى شاللىدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 1/8 ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە توتتېنھامنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجە 4-3 بولۇپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇزغۇنلۇق سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا، بۇ يۇۋېنتۇسنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى شاللاش مۇسابىقىسىدە ئېنگلاند كوماندىسىنى شاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

    مۇسابىقىدىن كېيىن، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئورگان تۋىتتېر تورىدا مۇنداق دەپ يازدى: «بۈگۈن ئاخشام، يۇۋنېتۇس تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە ئېنگلاند كوماندىسىنى شاللىدى.» بۇنىڭدىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يۇۋېنتۇس بۇ ئۇزۇن يىللىق «قارغىش»نى بۇزغان. 

    ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «Opta»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇۋېنتۇس كوماندىسى ياۋروپا سەھنىلىرىدىكى بەش قېتىملىق ئېنگلاند كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە شاللىنىپ كەتكەن، ئۇلار ئايرىم ھالدا: مانچېستېر بىرلەشمىسى (ئۇزغۇنلۇق)، لىۋېرپول (ئۇزغۇنلۇق)، ئارسېنال (ئۇزغۇنلۇق)، چېلسى (ئۇزغۇنلۇق) ۋە ڧۇلھام (ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى). بۈگۈن «تاغىل ئات قوشۇنى» بۇ ئوڭايسىز رېكورتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئاخىرلاشتۇردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.