ئىتالىيە بىرلەشمىسى 28-ئايلانما: رىم 3-تورىن
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە ئۆتكۈزۈلگەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 28-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە رىم كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، تورىن كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىلوتتى پۇرسەت تۇتالمىدى، ھەم ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ڧلورېنزى ياردەمچى پاس چىقىرىپ، مانولاس رىم كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزدى، نايىنگولان ياردەمچى پاس چىقىرىپ، دېروسسى توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە ئاخىرىدا نايىنگولان ياردەمچى پاس چىقىرىپ پىللېگرىنى توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا رىم كوماندىسى 3-0 نەتىجىدە تورىن كوماندىسنى يېڭىپ، بىرلەشمىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلدى. 

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 56-مىنۇتىدا مانولاس توپ كىرگۈزۈپ، رىم كوماندىسى 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.

    73 مىنۇت بولغاندا، دېروسسى توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-0 قىلدى.

    مۇسابىقە ئاخىرىدا پىللېگرىنى توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 3-0 قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.