ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئۇلسان خيۇنداي 0-1 شاڭخەي شاڭگاڭ
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 16:00 تە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئۇلسان خيۇنداي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىدا خۇلك ياردەمچى پاس چىقىرىپ، ئېلكېسون پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ، ئاخىردا شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 1-0نەتىجىدە غەلىبە قىلدى، ھەم مۇددەتتىن ئىككى ئايلانما بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقتى. بۇنىڭ بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ئۇدا ئۈچ يىل ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش باسقۇچىغا كىردى. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىدا خۇلك ياردەمچى پاس چىقىرىپ، ئېلكېسون توپ كىرگۈزدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.