ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: شاڭخەي شېنخۇا 0-2 سۇۋون كۆك قانات
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎6ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 16:00 تە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سۇۋون كۆك قانات كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شاڭخەي شېنخۇا قاپقىچىسى لى شۈەي قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قېتىم خەتەرلىك توپلارنى بىر تەرەپ قىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە داميانوۋىچ توپ كىرگۈزۈپ، سۇۋون كۆك قانات كوماندىسى ئالدى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، چوي سۇڭ كېيۇن توپ كىرگۈزۈپ، پەرقنى چوڭايتتى، ئاخىرىدا شاڭخەي شېنخۇا ساھىبخان مەيداندا 0-2 نەتىجىدە سۇۋون كۆك قانات كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، گۇرۇپپىدىكى تۇنجى مەيدان مەغلۇبىيەتنى كۈتۈۋالدى. 

    مۇسابىقىنىڭ 51-مىنۇتىدا داميانوۋىچ توپ كىرگۈزۈپ، سۇۋون كۆك قانات ئالدى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. 

    مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىدا  چوي سۇڭ كېيۇن توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-0 قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.