ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىدە رونالدو 1-لىككە قايتىپ كەلدى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «clubworldranking» ئەڭ يېڭى بىر قارارلىق دۇنيا مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، رونالدو مېسسىدىن ئېشىپ، رەت-تەرتىپنىڭ چوققىلىق ئورنىغا چىقتى، گولارت نېيماردىن ئېشىپ 13-ئورۇنغا تىزىلدى. 

    ئالدىنقى 10 توپچى ئايرىم ھالدا، رونالدو، مېسسى، خارى كېن، جوناس، ئىمموبىلې، كاۋانى، لېۋاندوۋىسكى، سالاھ، دوست، بوئاكيې. 

    11-دىن 20-گىچە ئايرىم ھالدا، ئاگۈيرو، سۇئارېز، گولارت، نېيمار، مېرتېنس، مورېنو، گومىس، ئاۋبامېياڭ، ڧېررېيرا، ڧالكاۋ. 

    زاخاۋى 21-ئورۇنغا، خۇلك 23-ئورۇنغا، ۋۇلېي بەش دەرىجە چۈشۈپ 34-ئورۇنغا تىزىلغان، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى يەرلىك توپچىلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.