رىم كوماندىسى 10 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سەككىز كۈچلۈككە كىردى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە ئاياغلاشقان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە رىم كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1-0 نەتىجىدە دونېستك كانچىلىرى كوماندىسىنىڭ يېڭىپ، مېھمان مەيدان توپ ئەۋزەللىكى بىلەن سەككىز كۈچلۈككە كىردى، بۇ ئۇلارنىڭ 2007/2008-مۇسابىقە پەسىلدىن بۇيان يەنە بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەككىز كۈچلۈككە بۆسۈپ كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە زېكونىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن رىم كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلىپ، سەككىز كۈچلۈككە كىردى، مۇسابىقىدىن كېيىن، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا رىم كوماندىسىنىڭ 10 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سەككىز كۈچلۈككە كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «Opta»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ (ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەندىن بۇيان) رىم كۇلۇبى تارىخىدىكى ئۈچىنچى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق بولسا 2006/2007-مۇسابىقە پەسىلى ۋە 2007/2008-مۇسابىقە پەسىلى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.