تەڭرىتاغ يىلپىزى بىلەن مېيشيەن تيېخەن مۇسابىقىسىگە نەزەر
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەنتەربىيىسى تورى خەۋىرى

    بېيجىڭ ۋاقتى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:30 دا، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 2-ئايلانمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى مىھمان مەيداندا يېڭى دەرىجە ئۆرلىگەن كوماندا مېيشيەن تيېخەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئالدىنقى پەسىل ب دەرىجىلىكتىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان مېيشيەن تيېخەن بۇ پەسىل  كوماندىغا ئالاھىدە كۆپ مەبلەغ سېلىپ، «ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى خېڭدا» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇلار ئالدىنقى پەسىل ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى شاڭخەي شېنشىننىڭ مەشقاۋۇلى ئىگناسىئونى تەكلىپ قىلدى، كۆپ مەبلەغ بىلەن خېڭدانىڭ سابىق توپچىسى مۇرىچ ۋە خېبېي خۇاشيا سابىق توپچىسى ئالويىشىئونى قوشۇۋالدى. لېكىن تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە، مۇرىچ يارىلانغانلىقتىن، 1:0 نەتىجە بىلەن يەنبيەن فۇدېغا مەغلۇب بولدى. تەڭرىتاغ يىلپىزى بولسا بۇ پەسىل يېڭى چەتئەللىك ئەزا قوشۇۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋېنسۇئىلا دۆلەت كوماندىسى توپچىسى خاكوبو 24 ياش، پېتار ئورلاندىچ 27 ياش، كوبېنا بولسا ئەمدىلا 20 ياش. يەرلىك توپچىلار سانى 13 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە u23 توپچىلاردىن 9 ى بار. يېڭى پەسىلدە ياشلىق دولقۇنى قوزغىغانى يىلپىزلار تۇنجى مەيدان مىھمان مەيدان مۇسابىقىدە 2:0 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ شېنياڭ كوماندىسغا مەغلۇب بولدى. 

    1-كۆرۈش ئادېرىسى: بۇ يەرنى بېسىڭ

    بۇ مەيدان مۇسابىقە تۇنجى ئايلانمىدا ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىككى كوماندا ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى نىيەت قىلغان مېيشيەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ساھىبخان مەيداندا تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى، ئەزەلدىن دەرىجە ئۆرلىگەن كوماندىلارغا نىسبەتەن يامان ئەمەس نەتىجىنى ساقلاپ كەلگەن يىلپىزلارمۇ يېڭى پەسىللىك تۇنجى غەلبىسىنى بۇ يېڭى «بۇرادىرى» نىڭ مەيدىنىدا كۈتىۋىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. 

    يارىلىنىش ئەھۋالى جەھەتتە، مېيشيەننىڭ چەتئەللىك ئەزاسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە يارىلانغان، يەنە بىر چەتئەللىك ئەزا ئالويسىئونىڭ مەيدانغا چىقىش-چىقماسلىقى ئېنىق ئەمەس. يىلپىزلاردىن نۆۋەتتە يارىلىنىش ئەھۋالى يوق، قاپقىچى گۇجۈنجيې بۇ ھەپتىلىك كوللىكتىپ مەشىققە قاتناشتى. ھەر ئىككى تەرەپ ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلىنى قوللىنىپ، مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ كەسكىن، ئادىل بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.

    تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ سەپ شەكلىدىن ئالدىن پەرەز:

    قاپقىچى: يۈسۈپئەلى

    بېك: شۈچىن، سەيشى، شياجىن، بەختىيار

    ئوتتۇرا مەيدان: جوۋخېڭ، ۋۇپېڭ، ليۇ جياۋېي، سابىت

    ھۇجۇمچى: خاكوبو، پېتار 

    كۆرۈش ئادېرىسى: بۇ يەرنى بېسىڭ


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.