تەڭرىتاغ يىلپىزى مىھمان مەيدان 0:0 نەتىجىدە مېيشيەن بىلەن تەڭلەشتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:30 دا، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۆتكۈزۈلدى، تەڭرىتاغ يىلپىزى مىھمان مەيداندا مېيشيەن تيېخەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ 16-نومۇرلۇق چەتئەللىك ئەزاسى كوبېنا ئۆزىنىڭ تۇنجى مەيدان كەسپىي مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى دىڭ رۈنشەن كۆپ قېتىم خەتەرلىك توپلارنى توسۇپ، كوماندىنىڭ توپ كەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى تەرەپ مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزالمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا تەڭرىتاغ يىلپىزى مىھمان مەيداندا مېيشيەن تيېخەن بىلەن تەڭلىشىپ، بۇ پەسىللىك تۇنجى بىر نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 8- مىنۇتتا قارشى تەرەپ توپچىسى چەكلەنگەن رايوندا ئىككى مۇداپىئەچىنى ئالداپ ئۆتۈپ قاپقىغا تەپكەن توپىنى دىڭ رۈنشەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 15-مىنۇتتا تەڭرىتاغ يىلپىزى ئىىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، خاكوبو ئوڭ تەرەپتىن توپ تاشلىدى، جوۋخېڭنىڭ بىرىنچى نۇقتىنى ئېلىپ ئۈسسۈگەن كاللا توپى ئۆرلەپ چىقىپ كەتتى. 19-مىنۇتتا دىڭ رۈنشەن ئۇدا ئىككى قېتىم قارشى تەرەپنىڭ خەتەرلىك توپىنى توسۇۋالدى. 44-مىنۇتتا خاكوبونىڭ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى. 

    50-مىنۇتتا قارشى تەرەپنىڭ تاشلىغان ئىختىيارى توپىنى يې ۋېيچاۋ كاللا توپ بىلەن چىقىرىۋەتتى. 73-مىنۇتتا خاكوبونىڭ قاپقىغا تەپكەن توپى قاپقىنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى. 77-مىنۇتتا ئالويسىئو تەتۈر ئۈچبۇلۇڭ ھالدا پاس چىقىرىپ، خەنشۇنىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى دىڭ رۈنشەن چاققانلىق بىلەن توسۇۋالدى. 

    پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىپ، تەڭرىتاغ يىلپىزى مىھمان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە مېيشيەن تيېخەن بىلەن تەڭلەشتى. 

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.