رونالدو 2017-يىللىق پورتۇگالىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    بۈگۈن سەھەردە پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2017-يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، رونالدو يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالاندى، بۇ رونالدونىڭ ئۇدا ئىككى يىل بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باھالاش ئاساسلىقى مەشقاۋۇل، توپچى ۋە مەستانىلەرنىڭ بېلەت تاشلىشى ئاستىدا باھالاپ چىقىلىدىغان بولۇپ، رونالدو ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى تۈرىدە بېرناردو سىلۋا بىلەن پاترىسىئونى يېڭىپ، بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

     رونالدو 2017-يىلى «ڧرانسىيە پۇتبولى» باھالىغان ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ۋە FIFA نىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۆلەت كوماندىسى قاتلىمىدا، رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى ياۋروپا رايونى B گۇرۇپپىسىدىن بىرىنچىلىك سالاھىيىتى بىلەن چىقىپ، بىۋاستە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن، يەنە كېلىپ، بۇ پۈتۈن سالاھىيەت مۇسابىقىسى باسقۇچىدا رونالدو 15 توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، رونالدو بىر يىل ئىچىدە خانلىق مادرىد ئۈچۈن 42 توپ كىرگۈزگەن، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 11 توپ كىرگۈزگەن، يەنە خانلىق مادرىد بىلەن بىرگە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرلۈك ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەن.

    2017-يىللىق پورتۇگالىيە ئەڭ مۇنەۋۋەر U21 ياشلىق ئەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى مۇكاپاتىغا گۇئېدېس ئېرىشكەن. بۇ سابىق بېنڧىكا توپچىسى بۇ پەسىل پارىژ سانت گېرماندىن ۋالېنسىيەگە ئىجارە بىرىلگەن بولۇپ، كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزانىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.