ياردىم 2017-يىللىق پورتۇگالىيە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل بولۇپ باھالاندى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • دوڭچيۇدى تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    بۈگۈن سەھەردە پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2017-يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، رونالدو يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ باھالاندى، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل تۈرىدە موناكو كوماندىسنىڭ مەشقاۋۇلى ياردىم بۇ تۈردىكى مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولۇپ باھالاندى، مورىنھو بولسا ۋاسكو داگاما مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

    2016/2017-مۇسابىقە پەسىلىدە، ياردىم موناكو كوماندىسنى يېتەكلەپ ڧرانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە مانچېستېر شەھىرى، دورتمۇند قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى شاللاپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەپسۇسنارلىق بىلەن يۇۋېنتۇس تەرپىدىن شاللىنىپ كەتكەن. ئالدىنقى پەسىلدىن بۇرۇن موناكو بىر قېتىم ڧرانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ چېمپىيونلۇققا 1999/2000-مۇسابىقە پەسىلىدە ئېرىشكەن. 

    ئۇنىڭدىن باشقا، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مورىنھو ۋاسكو داگاما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ تۈردىكى شەرەپ پورتۇگالىيەنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشقان پۇتبول ساھەسىدىكى زاتنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.