نەقمەيدان: ۋۇخەن جوئېر VS شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎8ئاي ئىلگىرى تۈرى : پۇتبول
  • شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى ۋە ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى تارىختا A دەرىجىلىك بىرلەشمىدە جەمئىي بەش مەيدان مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ئومۇمىي نەتىجە بويىچە ھېسابلىغان ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى 10-9 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەن، 2018-پەسىللىك جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئوينالغان 6 ئايلانما مۇسابىقىدە 2 مەيدان تەڭلىشىپ، 4 مەيدان يېڭىلىپ، 1 توپ كىرگۈزۈپ، 10 توپ كەتكۈزۈپ، جەمئىي 2 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ رەت تەرتىپتە 15-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى بولسا 6 ئايلانما مۇسابىقىدە 4 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 1 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان يېڭىلىپ، 11 توپ كىرگۈزۈپ، 5 توپ كەتكۈزۈپ، جەمئىي 13 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ رەت تەرتىپتە 1 ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق پېتار، خاكوبو قاتارلىق چەتئەللىك ئەزالارنىڭ باشقا ئەزالار بىلەن ياخشى ماسلىشىپ بولالماسلىقى، كوبىنانىڭ بولسا كەسپىي كوماندىدا تۇنجى توپ تېپىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيان تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى، ۋۇخەن جوئېر كوماندىسى كوماندىدىكى چەتئەللىك ئەزالار بىلەن يەرلىك ئەزالارنىڭ ياخشى ماسلىشىشى بىلەن جېان ئېۋارد 3 توپ، مارسېلو مورېنو 1 توپ، رافائېل سېلۋا 5 توپ كىرگۈزۈپ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە خېلى ئاكتىپ ھالەتتە تۇرماقتا. قېنى بۈگۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە نەزەر سېلىپ باقايلى تەڭرىتاغ يىلپىزى غەلىبە قىلالامدۇ يوق.

    ناۋادا نورمال قويۇلمىسا: بۇ يەرنى بېسىڭ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.