ئىمبىد كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يېڭى يۇقىرى نەتىجىلەرنى ياراتتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،  بۈگۈن 76ئادەم كوماندىسى ساھىبخان مەيدانىدا 115:109نىسبەت نەتىجە بىلەن كۆل ئادىمى كوماندىسىنى يەڭگەن.

    پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، ئىمبىد جەمئىي 34مىنۇت مۇسابىقىگە قاتناشقان، گارغا ئۇرغان 20توپتىن14 توپنى، 19جازا توپتىن 16  توپنى نىشانغا  تەگكۈزگەن بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يېڭى يۇقىرى 46نومۇر، 15گاردىن قايتقان توپ، 7ياردەمچى پاس، 7قېتىم قالپاق كەيدۈرۈشتەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 

    بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇ 19جازا توپتىن 16توپنى نىشانغا تەگكۈزگەن،  7ياردەمچى پاس، 7قېتىم قالپاق كەيدۈرۈپ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يېڭى يۇقىرى نەتىجىنى ياراتقان. 

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمبىد NBAتارىخىدىكى بىردىنبىر ئاز دېگەندە 46نومۇر، 15گاردىن قايتقان توپ، 7ياردەمچى پاس، 7قېتىم قالپاق كەيدۈرۈشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن توپچى ھېسابلىنىدىكەن. 

    بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىمبىد ئالدىنقى پەسىللىك گار سېتكىسى كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىدە 33نومۇر بىلەن كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نەتىجىنى ياراتقان.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.