خۇپۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى:
بۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 83:129 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن قۇياش كوماندىسىنى يەڭدى، قەھرىمانلار كوماندىسىنىڭ ئورگان تورىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەھرىمانلار كوماندىسىنىڭ قۇياش كوماندىسى بىلەن بولغان 12-مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلىشى بولۇپ، بۇ يەنە قەھرىمانلار كوماندىسىنىڭ باشقا كوماندىلار بىلەن بولغان ئەڭ ئۇزۇن ئۇدا غەلىبە قىلىشى ھېسابلنىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەنە قەھرىمانلار كوماندىسى تارىخىدىكى دائىملىق مۇسابىقىدىكى قۇياش كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان 100-مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن، قەھرىمانلار كوماندىسى 44 قېتىم غەلىبە قىلىپ، 13 قېتىم ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە ياراتقان. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار ئۈرۈمچى ۋاقتى 15-چېسلا سەھەر سائەت 09:30 دا مېھمان مەيداندا يول ئاچقۇچىلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئاۋات خەۋەرلەر
پۇتبول خەۋەرلىرى