NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: چاقماق كوماندىسى 120:112 چەۋەندازلار كوماندىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎8ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى: 


    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چاقماق كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا چەۋەندازلار كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ۋېستبروك بىلەن ئانتونېي قايتىپ كەلدى.

    تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە، شمىس ئۇدا ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، چەۋەندازلار كوماندىىسنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئۆتۈشىگە ياردەم قىلدى، چاقماق كوماندىسى ۋېستبروكقا تايىنىپ، نومۇر ئېلىشقا باشلىدى.

    ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا زاپاس ئەزالىرى ئارقىلىق تىركەشتى، ئەمما چەۋەندازلار كوماندىسى ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈشتىن پايدىلىنىپ، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. يېرىم مەيدان ئاياغلاشقاندا، چەۋەندازلار كوماندىسى 62-57 نەتىجىدە چاقماق كوماندىسىدىن ئۈستۈن تۇردى.

    ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە، جامېس ئۇدا نومۇر ئېلىپ، چەۋەندازلار كوماندىسى داۋاملىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى، ئەمما چاقماق كوماندىسىنىڭ ئۈچ كوزۇر ماھىرى ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشى بىلەن چاقماق كوماندىسى ئۈزلۈكسىز رەقىبىنىڭ كەينىدىن قىستاپ كەلدى.

    ئەڭ ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە، چەۋەندازلار كوماندىسى ئۆز ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاقماق كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىشىغا پۇرسەت بەرمىدى، ئاخىرىدا چەۋەندازلار كوماندىسى 120-112 نەتىجە بىلەن چاقماق كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

    چاقماق كوماندىسىدىن ئانتونېي 24 نومۇر ۋە 7 قېتىم گاردىن قايتقان نومۇر ئالدى، گېئورگې 25 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئالتە قېتىم ياردەم پاس بىرىپ، بىر قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى. ئادامىس 22 نومۇر، 17 گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى، ۋېستبروك 21 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 12 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئىككى قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى، گرانت 14 نومۇر ئېلىپ، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

    چەۋەندازلار كوماندىسىدىن جامېس 37 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ ئالدى، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. ئوسمان بەش نومۇر ۋە ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تومپسون ئىككى نومۇر ۋە بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، گرانت ھىل يەتتە نومۇر ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، شمىس 18 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، نانسې 13 نومۇر، توققۇز گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بىرىپ، بىر قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى، گرېن 10 نومۇر ۋە تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، كلاركسون 14 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، خود 14 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.