NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: ئورمان بۆرىسى كوماندىسى 126:108 راكېتا كوماندىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى تەرجىمىسى: 

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئورمان بۆرىسى كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، راكېتا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا راكېتا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 98:116 نەتىجىدە ئورمان بۆرىسى كوماندىسىنى يەڭگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، ئورمان بۆرىسى كوماندىسى توۋنس بىلەن تېياگېنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلىپ، بىرىنچى چارەك باسقۇچتا 13 نومۇر ئۈسۈتۈنلۈككە ئۆتتى، بىراق ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە راكېتا كوماندىسى تەدرىجىي ھالدا مەيداندىكى ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلدى، ئارقىدىن ئىككى كوماندا قاتتىق تىركەشتى. ئاخىرقى چارەك مۇسابىقە باسقۇچىدا، خاردېن راكېتا كوماندىسى ئۈچۈن ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، 16 نومۇر ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرىدا راكېتا كوماندىسى پۈتۈن مەيداندا 22 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، مېھمان مەيداندا 105:126 نەتىجىدە ئورمان بۆرىسى كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا توققۇز مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا ئورمان بۆرىسى كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيداندا ئۇدا 13 مەيدان غەلىبە قىلىش قەدىمىنى توختىتىپ قويدى.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئورمان بۆرىسى كوماندىسىدىن توۋنس 35 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، بىر قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى، تېياگې 25 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، باتلېر 15 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، جىبسون 12 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ۋىگگىنس يەتتە نومۇر ۋە ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، كراۋڧورد 11 نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

    راكېتا كوماندىسىدىن خاردېن 34 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 13 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئاندېرسون 21 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە بىر قېتىم ياردەمچى پەس بەردى، كاپېلا 14 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان نومۇر ئالدى ۋە بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، پاۋېل 13 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، بىر قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى، تاكېر 10 نومۇر ۋە بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، باخموت يەتتە نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، گوردون 13 نومۇر ئالدى ۋە بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، نېنې سەككىز نومۇر ۋە ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، گېرالد گرېن ئالتە نومۇر ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.