NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: بۇغا كوماندىسى 134:123 ئالتۇن قازغۇچىلار
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎10ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت 07:00 دە، NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇغا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، 12 نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى داۋاملىق ئۈچ نومۇرلۇق توپ ھۇجۇمى قىلىپ، بۇغا كوماندىسىنىڭ نومۇر تەڭلەشتۈرۈشىگە پۇرسەت بەرمىدى، ئاخىرىدا ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا 134-123 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.


    تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە، مۇسابىقە باشلىنىپلا بارتون ئۈچ قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، خاررىس بىلەن يوكىچ ئىچى-تېىشىدىن ماسلىشىپ، ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى سەككىز نومۇر ئالدىغا ئۆتتى، بارتون ئۆزى يالغۇز بۇ چارەك مۇسابىقىدە 13 نومۇر ئالدى، ئارقىدىن مۇرراي بىلەن خاررىس نومۇر ئېلىپ، پەرقىنى 10 نومۇرغا چىقاردى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە 28-35 نەتىجە بىلەن ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئاياغلاشتى.

    ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە بۇغا كوماندىسىدىن ئانتېتوكومپو ئۇدا يەتتە نومۇر ئالدى، ئارقىدىن بۇغا كوماندىسىدىن بروۋىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر ئاشۇردى. ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسىدىن مۇرراي، يوكىچلا ئۇدا ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى يەنە بىر قېتىم نومۇر ئاشۇردى. بلېدسو بۇغا كوماندىسى ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقىدىن نومۇر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى نومۇر ئاشۇرۇشقا پۇرسەت بەرمىدى. چاندلېر ئىككى قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، سەككىز نومۇر ئالدى، ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە ئالتۇن قازغۇچىلار 74-62 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

    ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە يوكىچ بىلەن مۇرراينىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈشى بىلەن پەرق 12 نومۇرغا چىقتى، بۇ چارەكتىكى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا مۇرراي ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى 107-88 ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاياغلاشتى.

    تۆتىنچى چارەك مۇسابىقىدە، ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسى پۈتۈن كوماندىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقىدىن نومۇر ئېلىپ، بۇغا كوماندىسى 13 نومۇر ئارقىدا قالدى. بلېدسو ئۇدا ئىككى قېتىم ئىككى نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر ئالدى، ئارقىدىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ 134-123 نەتىجىسى بىلەن بۇغا كوماندىسىنى يەڭدى.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بۇغا كوماندىسىدىن ئانتېتوكومپو 36 نومۇر، 11 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 13 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، مىددېلتون 17 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بلېدسو 27 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى، سەككىز قېتىم پاس بەردى، بەش قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى. پاركېر 12 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، زېللېر 14 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

    ئالتۇن قازغۇچىلار كوماندىسىدىن يوكىچ 30 نومۇر، 15 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 17 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، مۇرراي 26 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى. بارتون 19 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، خاررىس 28 نومۇر، بىر گاردىن قايتقان توپ ئالدى، چاندلېر 11 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.