NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: ئورمان بۆرىسى 111:119 كۆل ئادىمى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎10ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت 08:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئورمان بۆرىسى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا كۆل ئادىمى كوماندىسنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئورمان بۆرىسى غەلىبە قىلغان. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن تىركىشىشى ئارقىسىدا ئورمان بۆرىسى ساھىبخان مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، 119-111 نەتىجىدە كۆل ئادىمىنى يەڭدى.


    تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە كۆل ئادىمى ساھىبخان مەيداندا ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، 13-4 باشلىنىش قىلدى، ئورمان بۆرىسى ئارقىمۇ-ئارقىدىن نومۇر ئېلىپ، پەرقىنى كىچىكلەتتى. كۆل ئادىمىنىڭ ھۇجۇمى تويۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتكەن پۇرسەتتە ئورمان بۆرىسى قايتۇرما ھۇجۇمدا نومۇر ئېلىپ، نومۇر ئاشۇردى. كۆل ئادىمى قايتىدىن ئويغىنىپ، كەينى-كەينى نومۇر ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم نومۇر ئاشۇرۇپ، تۇنجى چارەك مۇسابىقىنى 39-35 نەتىجىدە ئاياغلاشتۇردى.

    ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە، كۆل ئادىمى داۋاملىق نومۇر پەرقىنى ساقلاپ، ئورمان بۆرىسىنىڭ نومۇر ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمىدى، شۇنداقلا ئۇدا نومۇر ئېلىپ، پەرقىنى 15 كە چىقاردى. بىراق ئورمان بۆرىسى يەنە بىر قېتىم قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىشكە باشلىدى، ئاخىرىدا يېرىم مەيدان مۇسابىقە 62-65 نەتىجىدە ئاياغلاشتى.

    ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە، جىبسوننىڭ تۆت نومۇر ئېلىشى بىلەن ئورمان بۆرىسى بىراقلا 68-67 نومۇر ئاشۇردى. بىراق پوپېنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈشى، شۇنداقلا ئىنگرامنىڭ ئۇدا تۆت نومۇر ئېلىشى بىلەن كۆل ئادىمى 76-70 قىلىپ، قايتىدىن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئورمان بۆرىسى گار ئاستىدىكى ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، جىبسوننىڭ گاردىن قايتقان توپ ئېلىشى ۋە نومۇر ئېلىشى ئارقىسىدا ئورمان بۆرىسى ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىنى 84-91 نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

    تۆتىنچى چارەك مۇسابىقىدە، ئورمان بۆرىسى ئۈچ نومۇرلۇق توپ ھۇجۇمىنى كۈچەيتىپ، پەرقىنى 94-95 كە چۈشۈردى. كېيىن ئورمان بۆرىسى كۈچلۈك ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئۇدا نومۇر ئالدى، ھەم ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئاخىرغىچە ئۈستۈنلۈك ساقلاپ، كۆل ئادىمىدىن تەتۈر ئېشىپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئورمان بۆرىسى كوماندىسىدىن جىبسون 28 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ۋىگگىنس سەككىز نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى، توۋنس 10 نومۇر، 19 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تېياگې 20 نومۇر ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. باتلېر 24 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

    كۆل ئادىمى كوماندىسىدىن راندلې 23 نومۇر، توققۇز گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىنگرام 17 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، پوپې 17 نومۇر، 11 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.