NBA چولپانلار مۇسابىقىسى: جامېس كوماندىسى 145:148 كۇررىي كوماندىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎4ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە 2017/2018-پەسىللىك NBA چولپانلار مۇسابىقىسى لېبرون جامېس كوماندىسى بىلەن ستېڧېن كۇررىي كوماندىسى ئوتتۇرسىدا رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى. جامېس بىلەن ئوۋېن، دۇرانت بىلەن ۋېستبروك قاتارلىق قەدىناسلار قايتا جەم بولۇپ، كۈچلۈك سەپ شەكلىنى شەكىللەندۈردى.

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا ناھايىتى ئەستايدىللىق بىلەن مۇسابىقە داۋاملاشتۇردى، ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە بوي بەرمەي، نۆۋەت بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى كوماندىنىڭ ئاخىرقى جېڭىدە، جامېس كوماندىسى ھالقىلىق مۇداپىئە قىلىپ، دېروزاننىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپىنى چۈشۈرمىدى، ئاخىرىدا جامېس كوماندىسى 148-145 نەتىجىدە كۇررىي كوماندىسىنى يەڭدى.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جامېس كوماندىسىدىن جامېس 29 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، سەككىز يادەمچى پاس بەردى، بىر قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى، دۇرانت 19 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بىرىپ، ئۈچ قېتىم توپ ئۈزۈۋالدى، داۋىس 12 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بىر يادەمچى پاس بەردى، ۋېستبروك 11 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ ئالدى، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئوۋېن 13 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، گېئورگې 16 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

    كۇررىي كوماندىسىدىن ئانتېتوكۇمپو 16 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئېمبىد 19 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ ئالدى، كۇررىي 11 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، خاردېن 12 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، دېروزان 21 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، توۋنس 17 نومۇر ۋە 10 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، لىلارد 21 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، تومپسون 15 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.