جامېس NBA چولپانلار مۇسابىقىسىنىڭ MVP شەرىپىگە ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎9ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە 2017/2018-پەسىللىك NBA چولپانلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، جامېس كوماندىسى 148-145 نەتىجىدە كۇررىي كوماندىسىنى يەڭدى، كاپىتان لېبرون جامېس بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ قىممىتى بار توپچى شەرىپىگە ئېرىشتى.

    پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، خامېس 31 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 17 توپ ئېتىپ، 12 نى چۈشۈرگەن، جەمئىي 29 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان. جامېسنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئۈچىنچى قېتىم چولپانلار مۇسابىقىسىنىڭ MVP سى بولۇپ باھالىنىشى بولۇپ، بۇنىڭىدىن ئىلگىرى ئۇ 2006-يىللىق خىستون چولپانلار مۇسابىقىسى ۋە 2008-يىللىق يېڭى ئورلېئان چولپانلار مۇسابىقىسىدە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن. NBA تارىخىدىكى چولپانلار مۇسابىقىسىنىڭ MVP شەرىپىگە ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن توپچى بولسا كوبې بريانت (تۆت قېتىم) ۋە بوب پېتىت (تۆت قېتىم) بولۇپ، جامېس، مايكول جوردان، شاكۇيلې ئونېئال ۋە ئوسكار روبېرتسون قاتارلىقلار ئۈچ قېتىمدىن MVP بولۇپ باھالانغان.

    33 ياشلىق جامېس بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە چەۋەندازلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 56 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، ھەر مەيداندا ئوتتۇرچە 37 مىنۇتتا 26.5 نومۇر، 8.1 گاردىن قايتقان توپ ئالغان، 8.9 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.