‏NBA پەسىللىك مۇسابىقىسى: چەۋەندازلار كوماندىسى 94-110 تاقا كوماندىسى
  • يوللانغان ۋاقتى : ‎3ئاي ئىلگىرى تۈرى : NBA
  • بىۋاسىتە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى:

    ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن ئەتىگەن ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە  چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تاقا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. تاقا كوماندىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا مەغلۇپ بولغان. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا جىددىي كەيپىيات بىلەن مۇسابىقىگە كىرىشىپ كەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا  جامېس ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، چەۋەندازلار كوماندىسى 53-50 نەتىجىدە ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. 

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا ئالدى-كەينى بولۇپ ئۈستۈنلۈك تالاشتى، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تاقا كوماندىسى چەۋەندازلار كوماندىسىدىن ئۈستۈنلۈكنى تارتىۋالدى، ھەم كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، چەۋەندازلار كوماندىسىنىڭ نومۇر ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمىدى، ئاخىرىدا تاقا كوماندىسى 110-94 نومۇر بىلەن چەۋەندازلار كوماندىسىنى يەڭدى.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چەۋەندازلار كوماندىسىدىن جامېس 33 نومۇر، 13 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئوسمان تۆت نومۇر، بىر گاردىن قايتقان توپ ئالدى، كلاركسون 17 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

    تاقا كوماندىسىدىن ئالدرىدجې 27 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، كېيېل ئاندېرسون 10 نومۇر، ئالتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، گاسول 11 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ ئالدى، مىللس 11 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، گرېن 22 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئالدى، فوربېس 12 نومۇر ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 129-123 نەتىجىدە تور كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مەيدان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى، نەتىجىدە جامېس ئۈچ تۈر...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا تور كوماندى...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە ئۇدا تۆت مەيدان غەلىبە قىلغان سېرىق ھەرە كومان...
  • بىۋاستە تارقىتىش تورى خەۋىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA پەسىللىك مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى مېھمان مەيداندا نېكس كوماندىس...
ئۆچۈرۈش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.